
شىركەت ھەققىدە
شىنجاڭ تۆت قۇلاق ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2018 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان بولۇپ ، يۇمشاق دىتال ئېچىش ۋە سىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يۇقىرى يىڭى پەن - تېخنىكىلىق كارخانا . شىركەت بىر تۈركۈم مەخسۇس يۇمشاق دىتال ئىچىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملارغا ئىگە بولۇپ ، شىركەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە « ئىشەنچنى ئاساس قىلىش ، سۈپەت بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش » نى ئاساسىي نىشان قىلىپ ، ياخشى بولغان كەسپىي نەتىجىسى بىلەن مۇقىم تەرەققىي قىلىپ ، ھۆكۈمەت ، كارخانا ، مەكتەپ قاتارلىق ساھەلەرگىچە كىڭەيگەن چوڭ خىرىدارلار توپىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا ئىھتىياجىنى ھەرتەرەپتىن قاندۇرۇپ كەلمەكتە . شىركىتىمىز يىراققا نەزەر سىلىپ ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتنى سودا نىشانى قىلىپ ، كۆپ يىللاردىن بۇيان جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ ، لەۋزىدە تۇرۇپ تىجارەت قىلىپ ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قوللىشىغا ، كەسىپ ساھەسىدىكىلەر ۋە خېرىدارلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ۋە ئىشەنچىسىگە ئىرىشتى . نۆۋەتتە شىركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق كەسىپلىرىدىن : قوللىنىشچان دىتال تۈزۈش ، تور بىكەت لايىھەلەش ، ئەپ ياساش ، كىچىك ئەپچاق ( ئۈندىدار ) ياساش ، سىستېما ۋە ئۈسكۈنە ئاسراش قاتارلىقلار بار ، شىركىتىمىزنىڭ « سودا باشقۇرۇش يۇمشاق دىتالى » ، « تاماقخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دىتالى » « كۈتۈپخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دىتالى » ، « ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ، كىرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەق تاپشۇرۇش سىستېمىسى » ۋە « ئاھالىلەر ئۇچۇرى يىغىش سۇپىسى » قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى ئالاھىدە ياخشى باھاغا ئىرىشكەن بولۇپ ، شىنجاڭدىكى يادرولۇق ۋاكالەتچىلىرىمىز ئالاھىدە ياخشى بولغان سىتىش نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى . شىركەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ، بىر يۈرۈش مۇكەممەل تىجارەت تورى ۋە سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتنى تۇرغۇزغان بولۇپ ، خىرىدارلىرىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك سېتىشتىن ئىلگىرىكى تېخنىكا مەسلىھەتى ، سېتىش جەريانىدىكى مۇۋاپىق لايىھە ۋە سېتىشتىن كىيىنكى ئۆلچەملەشتۈرۈش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن بەھىرلىنىپ ، ئۆز ئىھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرالايدۇ . ئەسىر ئۇچۇر دەۋرى ، تور دەۋرىدۇر . بىز مۇشۇنداق ياخشى تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، قەشقەردە چىڭ تۇرۇپ ، شىنجاڭدا پۇت تىرەپ ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن كارخانا نىشانىغا ئەمەل قىلىمىز . شىركەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى پايدىلىق تەرەپنى كۆرۈش بىلەن بىرگە يەنە ئېنىق كىرىزىس تۇيغۇسى، يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بۇرۇنقىدەكلا خېرىدارلار ۋە جەمئىيەتكە رازى بولغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، شىركەتنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، جۇڭگو ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىمىز .
